باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ھەربىي ئىشلار ئارقا سەپ تەمىناتىنى قوللاش كېلىشىمى ئىمزالىدى

2016.08.31 08:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى 29-ئاۋغۇست ۋاشىنگتوندا «ئارقا سەپ تەمىناتىنى ئالماشتۇرۇش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى كېلىشىمى»نى رەسمىي ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ھەربىي بازىسىنى ئىشلەتكەندە ئارقا سەپ مەشغۇلاتى قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئارمىيەلىرى بۇندىن كېيىن قارشى تەرەپنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا بازىسىدا تەمىنات بېرىش، رېمونت قىلىش ۋە تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق ئارقا سەپ مەشغۇلاتى قىلسا بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر بىلەن زىيارەتكە بارغان ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پالكار شۇ كۈنى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقى بىلدۈردى ھەمدە بۇ ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئارقا سەپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا پايدىلىق دېدى. لېكىن ئىككى تەرەپ: بۇنداق قىلىش ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھىندىستانغا ئورۇنلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ دەپ تەكىتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر