باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى ب د ت باش كاتىپى سايلىمى ھەققىدە ئۈچىنچى قېتىم مۇددىئالىق ئاۋاز بەردى

2016.08.31 08:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى 29-ئاۋغۇست كېيىنكى نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى تالىشىدىغان ئون نامزاتقا مۇددىئالىق ئاۋاز بەردى، بۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپ نامزاتىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن مۇشۇ خىلدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشى. دىپلوماتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 3-نۆۋەتلىك مۇددىئالىق ئاۋاز بېرىشتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي مەخسۇس خادىمى گۇترېس ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسى»گە ئاساسەن، باش كاتىپنى ئالدى بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەۋسىيە قىلغان بولۇش كېرەككەن، ئاندىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىكەن. خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەت ئىچىدە نامزاتلار دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت ۋە ئاز دېگەندە تۆت بىرەسمىي ئەزا دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن سايلىنالايدىكەن. شۇڭا خەۋپسىزلىك كېڭىشى باش كاتىپ سايلىمى جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن، بەش دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ رولى ھەممىدىن مۇھىم ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر