باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جاڭ مىڭ: ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە

2016.08.31 08:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نايروبىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 6-نۆۋەتلىك ئافرىقا تەرەققىياتى توكيو خەلقئارا يىغىنىغا تەكلىپكە بىنائەن كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە قاتناشقان جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى جاڭ مىڭ ئۈلۈشكۈن جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافرىقا بىلەن بولغان بولغان ھەمكارلىققا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا يىغىنلاردا شوئار توۋلاپ، نىشاننى تىلغا ئېلىپلا قويماستىن، بەلكى ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە ۋەدىنى رېئال نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش، ئافرىقا خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. جاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: مەيلى ئافرىقا خەلقى بولسۇن ياكى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بولسۇن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقا بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىغا باھا بېرىشتە قايسى ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكىگە ئەمەس بەلكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىگە قاراش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم يېتەكچىسى بولغان جۇڭگو ئافرىقىنىڭ خەلقئارادىكى ھەمكارلىق شېرىكلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرگە ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا قاتنىشىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. 6-نۆۋەتلىك ئافرىقا تەرەققىياتى توكيو خەلقئارا يىغىنى 27-ئاۋغۇستتىن 28-ئاۋغۇستقىچە شەرقىي ئافرىقا دۆلىتى كېنىيەنىڭ پايتەختى نايروبىدا ئۆتكۈزۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر