- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بان كېمون: جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىشتا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى بار
2016.08.31 08:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگونىڭ باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش جەھەتلەردە ئىپادىلىگەن قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ماختاپ: جۇڭگو نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى بىر يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولدى دەپ ھېسابلىدى. بۇ قېتىمقى 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا يېڭىلىق يارىتىشچان، ھاياتى كۈچكە تولغان، بىرلەشكەن، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش باش تېمىسى ھەققىدە توختالغاندا بان كېمون: بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك، سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ روھى بىلەن بىردەك دېدى. بان كېمون مۇنداق دېدى: جۇڭگو بۇ يىل 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك، سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ تەرەققىيات قارالمىسىنى بېكىتىش ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر