باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاق ساراي: ئامېرىكا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئىختىلاپلارنى تىرىشىپ تۈگىتىدۇ

2016.08.31 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى رودېس 29-ئاۋغۇست ئاق سارايدىكى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئوباما بىلەن شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشۈشى ھەققىدە رودېس مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يادروسىدىكى بارلىق مەسىلىلەر قاراپ چىقىلىدۇ. ئىككى تەرەپ دۇنيانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنتېرنېت، سودا، دېڭىز-ئوكيان ماجىراسى، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىختىلاپلارنى تىرىشىپ ھەل قىلىدۇ. ئىككى رەھبەر بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇش ھەمكارلىق ساھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ ھەمدە بەزى مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپىنى تىرىشىپ ئازايتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر