- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يادروسىز دۇنيا قۇرۇش خەلقئارا يىغىنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلدى
2016.08.31 08:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يادروسىز دۇنيا قۇرۇش خەلقئارا يىغىنى 29-ئاۋغۇست قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى قازاقىستان سېمپالاتىنسىكى يادرو سىناق مەيدانى تاقالغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش، يادرو سىنىقى ۋە يادرو پارتلىتىشتا قازا قىلغانلارنى ياد ئېتىش. نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە 50دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ سىياسىيونلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى داڭلىق ئەربابلار شۇ كۈندىكى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا ئاساسلىقى يادرو قوراللار سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش ۋە ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يادرونىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، خەلقئارا بىخەتەرلىكنى قانداق كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايىف يىغىندا مۇنداق دېدى: 25 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان سېمپالاتىنسىكى يادرو سىنىقى مەيدانىنى تاقاشنى قارار قىلغان ئىدى. قازاقىستان ئۆزى خالاپ يادرو قورالىدىن ۋاز كەچتى، تىنچلىق تەرەققىيات ھەمدە يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىشنىڭ ئۈنۈملۈك قېلىپىنى بەرپا قىلدى. بۇ قېلىپدىن باشقا دۆلەتلەر ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر