- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 27 - قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى:
ئۇلنى چىڭىتىش، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلاھاتنى ۋاقىت جەدۋىلى، لىنىيە خەرىتىسى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى
2016.08.31 15:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 30 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 27 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنىڭ بېسىق ۋاقتى، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى، پىلان تۈزۈش، بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ۋەزىپىسى يەنىلا ناھايىتى جاپالىق ھەم مۈشكۈل. بېكىتىلگەن ۋاقىت جەدۋىلى ۋە لىنىيە خەرىتىسى بويىچە ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ھەر قايسى ساھە، ھەر قايسى قاتلام ۋە ھەر قايسى ھالقىلاردىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى يەنىمۇ قاراتمىلىق ھالدا ھەل قىلىش، ئۇلنى چىڭىتىش، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلاھاتنى تۈجۈپىلەش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا «يېشىل پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسدىكى يېتەكچى پىكىر»، «مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ھۆكۈمەتنىڭ بايلىق تەقسىملەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «بىلىم قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان تەقسىملەش سىياسىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى»، «يېزىلاردىكى يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەقسىملەش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنىڭ كەسىپلەر ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈشنى يولغا قويۇش چارىسى»، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نىشانىنى باھالاش، تەكشۈرۈش چارىسى»، «قىسمەن ئۆلكىلەردە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش تۆلىمى بېرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش توغرىسىدىكى دوكلات»، «ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىدە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەھۋالىنى رەتكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلات»، «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى باھالاش دوكلاتى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېشىل پۇل مۇئامىلىنى راۋاجلاندۇرۇش يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر ھەم تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە تۈزۈمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپىتالنى يېشىل كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، بۇلغىما چىقىرىش تۈرىدىكى كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىشنى ئۈنۈملۈك چەكلەش كېرەك. يېشىل ئىناۋەتلىك قەرز، يېشىل زايوم، يېشىل پاي چېكى كۆرسەتكۈچى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار، يېشىل تەرەققىيات فوندى، يېشىل سۇغۇرتا، كاربون پۇل مۇئامىلە قاتارلىق پۇل مۇئامىلە قوراللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەردىن پايدىلىنىپ يېشىل تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، يېشىل پۇل مۇئامىلە كەسپى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۇل تېشى. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداشتا مۇھىمى، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا ئەمەل قىلىش قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى نامايان قىلىش، باراۋەر قوغداش، ئومۇميۈزلۈك قوغداش، قانۇن بويىچە قوغداشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىدىكى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، مۈلۈك ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداشقا دائىر قانۇن - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېلوغا چېتىشلىق مال - مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر قانۇن تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ لەۋزىدە تۇرۇش ۋە ۋەدە بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مال - مۈلۈكنى يىغىش ۋە يىغىپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ مال - مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش، خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەتنىڭ بايلىق تەقسىملەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ھەم ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ بايلىقنى بىۋاسىتە تەقسىملىشىنى زور مىقداردا ئازايتىش، بازار مېخانىزمى ۋە بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىرگۈزۈپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈم نىسبىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي خەلق ئىگىدارچىلىقىدىكى تەبىئىي بايلىققا قارىتا ئېنىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئورنىتىش، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بايلىقنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە تۈرىدىكى ۋە پۇل مۇئامىلىدىن باشقا تۈردىكى تىجارەتلىك دۆلەت مۈلكىگە قارىتا كاپىتالنى باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. جامائەت باشقۇرۇشى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان تىجارەتسىز دۆلەت مۈلكىگە قارىتا ئادىل تەقسىم قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، رىقابەت مېخانىزمىنى كىرگۈزۈش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ قوللىنىشچانلىقى ۋە ئادىللىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىلىمنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان تەقسىملەش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىش ئورنى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەبىئىي پەن، پەلسەپەۋى ئىجتىمائىي پەن قاتارلىق ئوخشىمىغان پەن تۈرلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۇل تەتقىقات، تېخنىكا ئىجادىيىتى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، سىستېمىلىق لايىھەلەش، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، ئەقلىي ئەمگەكنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان ئىش ھەققى سىستېمىسى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاش كېرەك. نەتىجە - ئۈنۈم مائاشىنى تەقسىملەش، رىغبەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق پەن تەتقىقات نەتىجىسى خاراكتېرلىك كىرىمگە مۇناسىۋەتلىك رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ كىرىمىنى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى، خىزمەت نەتىجىسى، ئەمەلىي تۆھپىسى بىلەن زىچ باغلاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور ئىلگىرىلەش بولدى. ئىسلاھات داۋامىدا بىر تۈركۈم دادىل ئىزدىنىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىلغار تىپلار، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، يولغا قويۇشقا بولىدىغان بىر تۈركۈم تەجرىبە ۋە ئۇسۇللار مەيدانغا كەلدى. جايلارنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، جايلارنىڭ پەرقلىق ئىزدىنىشىنى قوللاش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا مېخانىزم ئىسلاھاتى، داۋالاش سۇغۇرتىسى بېجىرىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، دورا بىلەن تەمىنلەش كاپالەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشى، دەرىجىگە ئايرىپ كېسەل كۆرۈش ۋە داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشى، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، داۋالاش كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان كادىرلار ئىش ھەققى تۈزۈمىنى ئورنىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە دادىل ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاچقۇچ. مەركەز بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدىغان يۆلەش - ئېچىش خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيىتى ئېنىق، ھەممە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ئۆتكەلگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىدىغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، كونكرېت چارىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، كەسكىن تەدبىر ئارقىلىق ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار نامرات رايونلاردىكى پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەركەزدىكى تارماقلار ماس قەدەمدە ھەمكارلىشىشى، ھەممە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنى تەقسىملەش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇش يېزىلاردا ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان ئىسلاھاتتىكى يەنە بىر قېتىملىق تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، يېزىلارنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. دېھقان بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىسلاھات نىشانىنى چۆرىدەپ، يېزىلارنىڭ يەرگە كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈملۈك رېئاللىشىش شەكلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش كېرەك. يېزىلاردىكى يەرگە دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىش تۈزۈمىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك. دېھقانلارنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوغداپ، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئورنىدا يەرنى ھۆددىگە ئېلىشىغا ھەم دېھقانلارنىڭ يەرنى ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقىنى قانۇنغا خىلاپ تارتىۋېلىشىغا ياكى چەكلىشىگە يول قويماسلىق كېرەك. يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى جانلىق قويۇۋېتىش، يەرگە كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بىلەن دېھقانلارنىڭ يەرنى ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئالدىنقى شەرتى بىلەن تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرتىپ بويىچە توختاملىشىپ ئېرىشكەن يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداپ، ئۇلارنىڭ تىجارەت كۆزلىمىسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيە رايونلىرىنىڭ كەسىپلەر ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى تۈزۈش −− ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش، تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا دەخلى قىلىشنى ئازايتىش، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ناھىيە - شەھەر بېكىتىش، ئۆلكە دەرىجىلىكلەر بىر تۇتاش پىلانلاش، دۆلەت جىپسىلاشتۇرۇش، سىرتقا ئېلان قىلىش مېخانىزمى بويىچە تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش تەرتىپىنى چىڭىتىش، تەلەپ ۋە تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش تەلىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بوغىدىغان ۋە چەكلەيدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسىنى شارائىتقا قاراپ تۈزۈش، قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش، رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق باھالاش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا بېكىتىلگەن بايلىق مۇھىتىنىڭ چەكلىمە نىشانى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نىشان - ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاش كېرەك. يىغىن جىلىن، جياڭسۇ، شەندۇڭ، خۇنەن، چۇڭچىڭ، گۈيجۇ، يۈننەندىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە - شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىغا تۆلەم بېرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىغا قوشۇلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىلارنى ئايرىشتا چىڭ تۇرۇش، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت پائالىيىتىنى ئىككىلەنمەي بازارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، تىجارەت قىلىش تۈرىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنى تەدرىجىي كارخانىغا ئايلاندۇرۇش، تۈزۈم ئۆزگەرتكەن كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ئىگىلىرىگە قانۇن بويىچە مال - مۈلۈك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىل تىجارەت ھوقۇقى بېرىش، ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىي كۈچىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. خىزمەت تەرتىپىنى قەتئىي قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەت كاپىتالىنى قانۇن ۋە بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، خادىملارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىدە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ماددىي ۋە مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆزلەش، جامائەت كۇتۇپخانىلىرى، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، پەن - تېخنىكا سارىيى، ئىنقىلابىي خاتىرە سارايلارنى سۇپا قىلىپ، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىدە پىدائىيلار مۇلازىمەت پونكىتى ۋە نۇقتىسى قۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش، پىدائىيلارنى مەدەنىيەت پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمەت قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش، پىدائىيلار مۇلازىمەت كاپالىتى ۋە مەدىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغىنىغا ئۈچ يىل بولاي دەپ قالدى. باھالاش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئوڭۇشلۇق بولماقتا. ھەر قايسى ساھەلەردە بەلگە ۋە تايانچ خاراكتېرلىك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈلدى. مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ سۇبيېكت رامكىسى پەيدىنپەي شەكىللىنىۋاتىدۇ. ئىسلاھات ئەمەلىي، دادىل يولغا قويۇلۇپ، خەۋپ - خەتەر تۈگىتىلدى، مەنپەئەتكە تېگىش قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىلگىرى بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدۇ، دەپ قارالغان ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتۈلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان، لېكىن ياخشى ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، ئەمدى ئۇلنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، تىرىشىپ ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش ئارقىلىق كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىسلاھات مۇھىم ئۆتكىلىدە باتۇرلار غەلىبە قىلىدۇ. جاسارەتنى ئۇرغۇتۇشقا بولىدۇكى، ھەرگىز بەل قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ. قىيىن نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، تېخى يولغا قويمىغان ئىسلاھاتلاردا تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش، يولغا قويغان ئىسلاھاتلارنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نەقلەشتۈرۈش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش، نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى، تەجرىبە ۋە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا باھالاش، دەلىللەشتىن ئۆتكەن ئەمەلىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۈنۈملۈك تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا ئومۇملاشتۇرۇش، ئەمەلىي قوللىنىش كېرەك. نازارەت قىلىشنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىش خىزمەت تەلىپىنى چىڭىتىش، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تەشۋىقاتنى چىڭ تۇتۇش، ئورتاق تونۇشتا بىرلىككە كېلىش، ئىدىيە - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش، ئاممىنىڭ مەنپەئەت تەلىپىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەسلىي ئىجادىيەت روھىغا ھۆرمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامدىكى يېڭىلىق يارىتىش تىپلىرىنى بايقاش، ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىش، يەكۈنلەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر