باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 15- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى يېپىلدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك

2016.09.04 10:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 15- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى 2- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تۈرلۈك قارالمىلارنى تاماملاپ ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. يىغىندا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشنى چۆرىدەپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش» باش تېمىسى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇ يىلقى كېڭىشىش پىلانىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا بۇ يىل قانات يايدۇرۇلىدىغان نازارەتچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە مۇھىم كېڭىشىش مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلاردىكى يولداشلار بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، بىر قاتار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. يىغىن مەزگىلىدە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار چوڭقۇر كېڭىشىپ مۇھاكىمە قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىپ، پائال چارە- تەدبىر كۆرسەتتى. نۇرلان ئابىلمەجىن رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەخسۇس تېما گۇرۇپپىلىرىنىڭ مۇزاكىرە ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇتلەق نوپۇزى ھەم شۇجى چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئېغىشماي تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. نۆۋەتتە، شۇجى چېن چۈەنگونىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى رەھبىرىي كادىرلارغا قويۇلغان يېڭى تەلەپلەر، نۆۋەتتىكى مۇقىملىق خىزمىتى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يېڭى تەلەپلەر بويىچە ئىدىيە، ھەرىكەت ۋە تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئىش ئورنى ئېڭى، بازا ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، يېڭى تەلەپلىرىنى قەتئىي ئېغىشماي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ھەم سىياسىي كېڭەش خادىملىرىدىن بولۇش كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، بولۇپمۇ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش- ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ياخشى ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەلىپىنى ياخشى ئىگىلىشى؛ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆتكەلنى ئىگىلەش تەلىپى ھەم «كىمنى يۆلەش» «كىم يۆلەش»، «قانداق يۆلەش»، «قانداق چېكىنىش» تەلىپىنى ياخشى ئىگىلىشى؛ يۆلىگەندە ئاۋۋال ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، يۆلىگەندە چوقۇم ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش تەلىپىنى ياخشى ئىگىلىشى؛ تۈركۈمگە ۋە تۈرگە بۆلۈپ يۆلەش تەلىپىنى ياخشى ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە سىياسىي كېڭەشنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىشلار ماقۇللاندى. يىغىندىن كېيىن، لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىدىكى مەسئۇل يولداش تەكلىپكە بىنائەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەي جىجيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ۋەن خەيچۈەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، قادىرقان مىراسقان، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر