خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- سېنتەبىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىلەن بىرلىكتە كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى» تەستىقلانغان ھۆججىتىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
چۈشتىن كېيىن 5 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە مۇراسىم باشلاندى. شى جىنپىڭ بىلەن ئوباما ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى» تەستىقلانغان ھۆججىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمونغا تاپشۇردى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىلىمات ئۆزگىرىشى خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە چېتىلىدۇ. «پارىژ كېلىشىمى» 2020- يىلىدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەمكارلىشىپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىدىكى يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەر شارى كىلىمات تۈزەش سىستېمىسىنىڭ ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تۇنجى كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى رەئىس باياناتىنى ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، «پارىژ كېلىشىمى»گە تۇنجى بولۇپ ئىمزا قويدى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەستىقلانغان ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى