باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى خەۋىرىى: 2015- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىنىڭ سانى 15 مىليون 390 مىڭغا يەتتى، سەپلەش ئەھۋالى ئومۇمي جەھەتتىن ياخشىلاندى

2016.09.01 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2015- يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك ۋە ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەردىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى جەمئىي 15مىليون 390 مىڭغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ سانى ئىككى مىليون 50 مىڭ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچى 9 مىليون 180 مىڭ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچى (ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىككى مىليون 540 مىڭ، ئالىي مائارىپتىكى ئوقۇتقۇچى (ئالىي كەسپىي مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىر مىليون 570 مىڭ، ئالاھىدە مائارىپتىكى ئوقۇتقۇچى 50 مىڭ ئىكەن. بۇ ئوقۇتقۇچىلار 510 مىڭ مەكتەپتە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ، ئۈچ مىليارد 60 مىليون ئوقۇغۇچى بار بۇ دۇنيادا كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسىغا تىرەك بولىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن، ئېلىمىز نوپۇسى كۆپ بىر دۆلەتتىن ئادەم كۈچى بايلىقى مول بىر دۆلەتكە ئايلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشماقتا.

  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى كۆپەيدى، سەپلەش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاندى. مەخسۇس ئوقۇتقۇچى سانى 2014- يىلىدىكىدىن 280 مىڭ ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىكى ئوقۇتقۇچىئىككى مىليون 68 مىڭ ئاشتى، ئالاھىدە مائارىپىدىكى ئوقۇتقۇچى 22 مىڭ ئاشتى، باشلانغۇچ مائارىپتىكى ئوقۇتقۇچى تۆت مىليون 52 مىڭ ئاشتى، ئالىي مائارىپتىكى ئوقۇتقۇچى ئۈچ مىليون 81 مىڭ ئاشتى، ئەمما، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپتىكى ئوقۇتقۇچى 45 مىڭ ئازىيىپ كەتتى.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياش قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز سەرخىللىشىپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ قالدى. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدە، 40 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇتقۇچى 56%نى ئىگىلەيدۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدە 45 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇتقۇچى 71%نى ئىگىلەيدۇ.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئاشتى. ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 98%، 90% ۋە 99%تىن يۇقىرىغا يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر