خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- سېنتەبىر خاڭجۇنىڭ شىخۇ كۆلى دۆلەت مېھمانخانىسىدا 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە سەمىمىي ۋە چوڭقۇر دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى