باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسى شىنجاڭدا داغدۇغىلىق باشلاندى

چېن چۈەنگو كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، شۆھرەت زاكىر، ياڭ شۇئەن سۆز قىلدى

2016.09.04 10:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 2-سېنتەبىر 2016- يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسى زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

  «تەنتەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭدا جەم بولايلى». 2016- يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسى 2- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان يەنە بىر مەملىكەتلىك كاتتا تەنتەربىيە مەرىكىسى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم 2016- يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قارشى ئېلىش نۇتقى سۆزلىدى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ شۇئەن باشلىنىش نۇتقى سۆزلىدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، شى داگاڭ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ فۇمىڭ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياۋ ئەيشىڭ ۋە داڭلىق تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن ۋۇ جىڭيۈ، خې كېشىن، گاۋ مىن، لى نىنا قاتارلىقلار كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشقان مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان ھەم ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تارىختىن بۇيان تەنتەربىيەنى قىزغىن سۆيۈپ كەلگەن، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مەدەنىيىتى جۇلالىق، رەڭدار، مول ۋە مەزمۇنلۇق. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يەر شەكلى ۋە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى شىنجاڭنى دالا تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە ساياھىتى كەسپى تەدرىجىي زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ۋە ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلانماقتا.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بىز دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ئولىمپىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنچىكە، تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرگە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئۆزئارا سىڭىشىپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇلىدىغان، ئۆزئارا ھەمكارلىق- ئالاقە ئورنىتىدىغان، تەڭ ئۇتۇق قازىنىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، تەنتەربىيە مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە ساياھىتى ۋە تەنتەربىيە كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشقا شىنجاڭنىڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز.

  ياڭ شۇئەن دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋە جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شىنجاڭنىڭ كۆرگەزمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا شىنجاڭ مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى، بولۇپمۇ مەملىكەتتىكى قار- مۇز تەنھەرىكىتى ئەزىمەتلىرىنىڭ شىنجاڭغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى. جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى گۈزەل شىنجاڭنى يەنىمۇ تەشۋىق قىلىش، كۆپلىگەن ساياھەتچى ۋە ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى جەلپ قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

  ياڭ شۇئەن مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسىنى يەنىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈپ، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن ئاممىۋى تەنتەربىيە، ماھارەت تەنتەربىيەسى، تەنتەربىيە كەسپى، تەنتەربىيە مەدەنىيىتى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا يېتىش ۋە ساغلام جۇڭگو قۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن جۇڭگو تەنتەربىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.

  باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، ياڭ شۇئەن قاتارلىق رەھبەرلەر كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.

  بۇ نۆۋەتلىك «ئىككى كۆرگەزمە»دە «تەنتەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش» ۋە «تەنتەربىيە ساياھىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» باش تېما قىلىنغان. بۇ جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى بىلەن جۇڭگو تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسىنىڭ غەربىي شىمال رايونىدا تۇنجى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلۈشى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تولۇق نامايان قىلىنىشى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتناشقان ئورۇنلار ئەڭ كۆپ كۆرگەزمە ھېسابلىنىدۇ. ئالدىمىزدىكى ئۈچ كۈندە مەملىكىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىگە قاراشلىق تەنھەرىكەت مەركەزلىرىنىڭ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى 400دىن ئارتۇق دالا تەنھەرىكىتى بۇيۇملىرى، تەنتەربىيە مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە ساياھىتى كارخانىلىرى، شۇنداقلا كۆرگەزمىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ۋەكىللىرى تەنتەربىيە ئىسلاھاتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەنتەربىيە مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە ساياھىتى ساھەسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىدۇ. كۆرگەزمە مەزگىلىدە بىر يۈرۈش مۇھىم مۇنبەرلەر، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر