خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- سېنتەبىر، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى تۇنجى قېتىملىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ، قاراماي شەھىرى ئالىي مائارىپىنىڭ يېڭى تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2015- يىلى 7- ئاينىڭ 22 كۈنى، شىنجاڭ قاراماي شەھىرى بىلەن جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى تەسىس قىلىش ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىغان. 2015- يىلى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى (قىسقارتىلىپ قاراماي مەكتەپ رايونى دېيىلىدۇ)نى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىغان، شۇ يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى قاراماي مەكتەپ رايونىنىڭ يۇپۇقى ئېچىلغان.
بۇ يىل كۈزدە، قاراماي مەكتەپ رايونى تۇنجى قېتىم پۈتۈن مەملىكەتتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 461 ئوقۇغۇچىنى كۈتۈۋالدى.
جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ مۇدىرى جاڭ لەيبىن، قاراماي نېفىتلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن شىنفا، قاراماي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى جاڭ خوڭيەن، قاراماي نېفىتلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ شۆۋېن قاتارلىق رەھبەرلەر، شۇنىڭدەك مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 600 دىن ئارتۇق كىشى بۇ نامايەندە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتلىك ئىشقا شاھىد بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى