باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايدۇ

2016.09.05 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى يەسلى مائارىپىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپغىچە بولغان 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن ھەم ئالدىن نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، 2016- يىلى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى 17 مىليارد 730 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ 12 مىليون 224 مىڭ (قېتىم) پەرزەنتىگە نەپ يەتكۈزۈدىكەن.

  بۇنىڭدىن كېيىن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىتا، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى باسقۇچىدىكى بوۋاقلار ۋە بالىلارنى بېقىش، تەربىيەلەش ھەققى، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بارلىق خىراجەتلەر كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ھەم تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىدا، پارچە ئوقۇش خىراجىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ھەم تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇش ھەققى ئېلىنمايدۇ.

  دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۆلچىمى جەھەتتىن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەر بىرىگە ھەر يىلى 2500 يۈەندىن 3500 يۈەنگىچە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەر بىرىگە ھەر يىلى 3500 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە ئۆستۈرۈلىدۇ ھەم ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ % 100ى دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر