- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فىرانسىيەدىكى ئون مىڭدىن كۆپرەك جۇڭگولۇق مۇھاجىر ۋە جۇڭگولۇق نامايىشچى ئامانلىقنى تۈزەشنى مۇراجىئەت قىلدى
2016.09.06 14:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىرانسىيەدە ئون مىڭدىن كۆپرەك جۇڭگولۇق مۇھاجىر ۋە جۇڭگولۇق 4- سېنتەبىر پارىژ شەھەر مەركىزىدىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ بىخەتەرلىكنى ياخشىلاشنى ئاساس تېما قىلغان نامايىش ئۆتكۈزۈپ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامانلىقنى ھەقىقىي تۈردە ياخشىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. فىرانسىيە ساقچى تەرەپ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا تەخمىنەن 15 مىڭ جۇڭگولۇق مۇھاجىر ۋە جۇڭگولۇق قاتناشقان بولۇپ، 2012- يىلى زۇڭتۇڭ ھوللاندى تەختكە چىققاندىن بۇيان فىرانسىيەدىكى جۇڭگولۇقلار ئامانلىقنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىلىپ بارغان ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى نامايىشى ئىكەن. نامايىشقا فىرانسىيەنىڭ كىچىك شوئارلىرىنى توپ تارقىتىش سودىگىرى ۋە يەرلىكتىكى تاللا بازار، رېستوران، زاۋۇتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقانلار، شۇنداقلا يەنە فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار، بانكا قاتارلىق ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقۇرغۇچى خادىملارمۇ قاتناشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر