دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - سېنتەبىر خاڭجۇدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ پۇتىننىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۇتىن زۇڭتۇڭ بۇ يىل 6 - ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە بىز «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق، ئۈچ مۇھىم قوشما بايانات ئىمزالاپ ئېلان قىلغاندىن سىرت، 30 غا يېقىن ئەمەلىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قەتئىي ئىرادىمىزنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ چوڭ - چوڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدىكى ئورتاق مەيدانىنى ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكى، دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئورتاق ساداسىنى تارقاتتۇق. ئىككى تەرەپ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئىككىمىز ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇشلار ۋە كېلىشىملەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئومۇمىي دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ب د ت نىزامنامىسىدىكى مەقسەت ۋە پىرىنسىپلار ھەم خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قەتئىي قوغدىشى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە ھەر قايسى تەرەپلەر 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈۋاتىدۇ. رۇسىيە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىدا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سىياسىي ئىشەنچ ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ. رۇسىيە جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن بېكىتكەن ئاساسىي تېما ۋە قارالمىلارنى قوللايدۇ، خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداش.