- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پۇتىن: رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى توڭنى ھازىرچە ئېرىتىش تەس
2016.09.05 15:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 3-سېنتەبىر: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلا سوغۇق ھالەتتە تۇرماقتا، بۇ توڭنى ھازىرچە ئېرىتىش تەس دېدى.
پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى سۇسلاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ ھەمدە ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەر ۋاقىت تەييار، لېكىن بۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك رەھبىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالاش خالىماسلىقىغا قاراش كېرەك.
پۇتىن غەرب ئەللىرى شىمالىي كاۋكازدىكى بۆلگۈنچىلەرنى قوللىدى، ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش شەرتنامىسىدىن چېكىنىپ چىقتى، ئارقىدىن يەنە ئىراننىڭ يادرو تەھدىتىنى باھانە قىلىپ يەر شارىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇردى دەپ ئەيىبلەپ، بۇنداق لوگىكا مۇزنى ئاسانلىقچە ئېرىتەلمەيدۇ، پەقەت ئامېرىكا ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتكە ھۆرمەت قىلسىلا ئاندىن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولىدۇ دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر