باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇا چۈنيىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرەسمىي چۈشلۈك تاماق ئۇچرىشىشىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى

2016.09.06 15:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 4-سېنتەبىر 20 دۆلەت گۇرۇھى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرەسمىي چۈشلۈك تاماق ئۇچرىشىشىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىنىستىرلار رايون قىزىق نۇقتىسى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇساپىرلار، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بولىدىغان زور مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 11- قېتىملىق يىغىنى خاڭجۇدا ئېچىلدى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىمۇ رەھبەرلەرگە ھەمراھ بولۇپ خاڭجۇغا كەلدى. جۇڭگو ئىلگىرىكى ساھىبخان دۆلەتلەرنىڭ ئۇسۇلى بويىچە 20 دۆلەت گۇرۇھى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرەسمىي چۈشلۈك تاماق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى رىياسەتچىلىك قىلدى، رۇسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، كورېيە ، ھىندونېزىيە، مېكسىكا، سىنگاپور قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى قاتناشتى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ۋاڭ يى يەر شارىلىشىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پايدا زىيىنى گىرەلىشىپ كەتتى. ھازىرقى دۇنيادا ئۆزىنىلا ئويلاش ياخشى يول ئەمەس، جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇش بىردىن بىر تاللاش. خەلقئارا جەمئىيەت ئىنسانلار ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ يېڭىش يادرو قىلىنغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش كېرەك دېدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى رايون قىزىق نۇقتىلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇساپىرلار، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلگەن زور مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر