باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، دۆلەت زېمىن-بايلىقى نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ۋاڭ دېڭجى پارتىيەدىن قوغلاندى قىلىندى

2016.09.06 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك زېمىن-بايلىقى نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ۋاڭ دېڭجىنىڭ يۈلىن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ۋە ئۆلكىلىك دۆلەت زېمىن-بايلىقى نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان مەزگىلىدە، تەشكىلىي ئىنتىزامغا ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، باشقىلاردىن مال-مۈلۈك سوراپ ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ھەم جىنايەت شەكىللىنىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان.

  «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى، ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا قارار قىلىشى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە مەركەزنىڭ تەستىقلىشىغا مەلۇم قىلىشى ئارقىلىق، ۋاڭ دېڭجىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى؛ ئۆلكىلىك مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى نازىر ئىشخانىسى يىغىنىنىڭ مۇھاكىمە قىلىشى ھەمدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، ئۇنىڭغا مەمۇرىي جەھەتتىن خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر