باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«دولان قەبىلىسى» مەنزىرە رايونى 130دىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى

2016.09.05 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) دولان مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، ساياھەت سېلىنمىسىنى يىلمۇ-يىل ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ كېلىۋاتقان ئاۋات ناھىيەسى «دولان قەبىلىسى» مەنزىرە رايونى 130دىن ئارتۇن دېھقان-چارۋىچىنى ئىشقا ئورونلاشتۇردى.

  ئاۋات ناھىيەسىدىكى تۆت A دەرىجىلىك ساياھەت نوقتىسى بولغان «دولان قەبىلىسى» مەنزىرە رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەۋقەنى دولان مەدەنىيىتى ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا قارىتىپ، مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى.

  بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن يۈسۈپ ئابدۇقادىر توققۇز يىل ئىلگىرى ئادەتتكى بىر دېھقان ئىدى. ئۇنىڭ يېرى ئاز، نوپۇسى كۆپ بولغاچقا، بىر يىل كېۋەز تېرىپ قىلغان كېرىمى بىلەن ئائىلىسىنى قامدىيالمايتتى. ئۇ «دولان قەبىلىسى» مەنزىرە رايونىغا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، مەنزىرە رايونىنىڭ تۆگە مىنىپ ساياھەت قىلىش تۈرىنى ھۆددە ئېلىپ كىرىمىنى ياخشىلاپ، كىچىك غوجايىنغا ئايلىنىپ، بەش ياردەمچى قوبۇل قىلىپ، ئايلىق ساپ كىرىمىنى 15 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى.

  ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق يېزىسى تۈۋەنكى ئۈجمە كەنتىدىكى تۇرسۇن ئوسمان ياغاچتىن ياسالغان بۇيۇملارنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، تۇرمۇشىنى ئاران قامداپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ياسىغان بۇيۇملىرى چىرايلىق، نەپىس، سەنئەتلىك بولسىمۇ، بازىرى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. 2015-يىلى مايدا «دولان قەبىلىسى» مەنزىرە رايونىدا خەلق ئۆرپ-ئادەت كەنتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ كەنتتە قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى ئېچىپ، جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلب قىلدى. خېرىدارى بارغانسېرى كۆپىيىپ، كىرىمىمۇ نەچچە ھەسسە ئاشتى.

  يېقىندا، بۇ ساياھەت نۇقتىسى مەمىلكەتلىك ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈلگە كۆرسىتىش تىزىملىكىگە كىزگۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر