باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ كېلىشىمىنى تەستىقلىغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتتى

2016.09.06 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو باشلامچى بولۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمونغا جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ كېلىشىمىنىڭ تەستىقنامىسىنى تاپشۇردى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ماختىشىغا ئېرىشتى.

  گېرمانىيە رادىيو ئىستانسىسنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق تەرەپ، جۇڭگو بۇلغىمىلارنى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشتا كۆپلىگەن ئىجابىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگو 2030- يىلى كاربون تۆت ئوكسىدىنى قويۇپ بېرىشنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

  ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى بۇ يىل جۇڭگو ئۇيۇشتۇرغان مۇھىم خەلقئارا پائالىيەت. رەئىس شى جىنپىڭ تەستىقنامىنى ئۆز قولى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىغا تاپشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈردى.

  ھىندونېزىيەدىكى ئاساسلىق تاراتقۇ بولغان جاكارتا پوچتا گېزىتى بىلەن جاكارتا يەر شارى گېزىتى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى يىغىندا تەستىقنامىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىغا تاپشۇرۇشى، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئۇل سالدى.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇشى ئارقىسىدا، يېشىل پۇل مۇئامىلە تېمىسى 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلدى، جۇڭگو نۆۋەتتە يەر شارى يېشىل قەرز چېكىنى تارقىتىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى.

  جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت رادىيو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ پارىژ كېلىشىمىنى تەستىقلىغانلىقى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ جۇڭگونىڭ پارنىك گازىنى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلەپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بېرىدۇ ھەمدە مەزكۇر كېلىشىمنىڭ بالدۇرراق يولغا قويۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر