باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاۋباۋ تورىنىڭ مۇشۇ ھەپتىدە دۆلەت ئىچىدە تېلېفون كارتىسى سېتىشى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىنىدۇ

2016.09.06 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردە، تاۋباۋ تورىدا بىر تۈرلۈك يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىندى: 9- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ، تورغا چىقىش پوچتا ھەق كارتىسى ياكى پوچتا ھەق يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ۋە SIM كارتىسى(ئىشلەتكۈچى سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش كارتىسى)نى باشقۇرۇش دائىرىسى تەڭشىلىدۇ؛ «يان تېلېفون نومۇرى، يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى، قوشۇلما قىممەت كەسپى» قاتارلىق تۈرلەرنىڭ تىجارىتى ۋاقتىنچە توختىتىلىپ، تاۋباۋ تورىنىڭ مال سېلىپ، بۇ تۈرلۈك تاۋارلارنى سېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

  قائىدىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈلدى: نۆۋەتتە، تاۋباۋ تورىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ساتقان ۋاقىت ۋە تورغا چىقىش ئېقىمى چەكلەنمەيدىغان پوچتا ھەق كارتىسى ياكى پوچتا ھەق يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى سېتىلمايدۇ، شۇ تۈردىكى باشقا كارتىلاردا ناھايىتى زور ئالدامچىلىق گۇمانى مەۋجۇت. ھەر خىل تور تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ئىچكى قىسىمدا قېلىپلاشمىغان ياكى يوچۇق يولى ئارقىلىق بېجىرىلگەن پوچتا ھەق كارتىسى ياكى پوچتا ھەق يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدە ئۇلارنىڭ پوچتا ھەققىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا تاۋباۋ تورىدا سېتىشقا بولمايدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى سېتىشنى مەنئى قىلىش دائىرىسىنى ئۆزگەرتىش ئاساسلىقى تاۋباۋ تور سۇپىسىدىكى جۇڭگو چېگرا ئىچىدىكى تىجارەت سودىگەرلىرى (چېگرا ئىچىدىكى ساختا تىجارەت سودىگەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ تورغا چىقىش پوچتا ھەققى ياكى پوچتا ھەق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتكە قارىتىلغان. ئەمما تيەنماۋ سۇپىسى ئىچىدىكى ئالاقىدار مەھسۇلات ۋە چېگرا سىرتىدىكى تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ خەلقئارا كارتىسى ۋە خەلقئارا تورغا چىقىش پوچتا ھەق كارتىسى يەنىلا نورمال سېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر