باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تېرىسا ماي: ئەنگلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئالتۇن دەۋردە تۇرماقتا

2016.09.05 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي 3-سېنتەبىر تەكىتلەپ: ئەنگلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئالتۇن دەۋردە تۇرماقتا دېدى. ئۇ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى قانداق راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى مۇزاكىرىلىشىمىز دېدى.

  تېرىسا ماي مۇنداق دېدى: مەن 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا سىرتتىكىلەرگە بىر ئۇچۇرنى يەنى ئەنگلىيەنىڭ سودا ساھەسىگە ئېچىۋېتىلگەنلىكى ھەمدە قەيسەر، ئىشەنچكە تولغان ۋە سىرتقا يۈزلەنگەن بىر دۆلەتنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى يەتكۈزىمەن.

  تېرىسا ماي يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە يەنە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يەرشارى ئەركىن سودىسىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى يەر شارى سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمەن ھەمدە تاشقى دۇنياغا ئەنگلىيەنىڭ بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر