باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئىككى كىنىشكىسى بىرلەشتۈرۈلىدۇ

2016.09.05 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنى، دۆلەت سودا-سانائەت باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»كە ئائىت تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ يەككە تىجارەتچىلەرگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، دۆلىتىمىزدە بۇ يىل 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن باج تىزىملاش كىنىشكىسى بىرلەشتۈرۈلىدۇ، خېيلوڭجياڭ، شاڭخەي، فۇجيەن، خۇبېي تۆت ئۆلكە (شەھەر)دە 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئالدى بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت سودا-سانائەت باش ئىدارىسى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، گوۋۇيۈەن قانۇن تۈزۈم ئىشخانىسى قاتارلىق تۆت تارماق ئالدىنقى كۈنى «يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن باج تىزىملاش كىنىشكىسىنى بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، «ئىككى كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»كە ئائىت تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ نىشانىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىق كۆرسەتتى: پۇقرالار پەقەت بىر پارچە جەدۋەل تولدۇرۇپ، بىر كۆزنەككە بىر يۈرۈش ماتېرىيال تاپشۇرسىلا، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ سودا-سانائەت ۋە باج تىزىملاشنى بىجىرەلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قانۇنىي ۋەكىل ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت نومۇرى بار تىجارەت كىنىشكىسىنى تارقىتىشقا بولىدۇ. بۇ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ ئەسلىدىكى تىجارەت كىنىشكىسى ۋە باج تىزىملاش كىنىشكىسىدىن ئىبارەت ئىككى كىنىشكىنىڭ رولى بار بولۇپ، بىر كىنىشكە بىر نومۇر ئارقىلىق، ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەش، ۋە كەسپلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا، ھەمدە يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە تىجارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قولايلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر