باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بەش چوڭ خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپىسىنى تەرىپلىدى

2016.09.05 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى تۈنۈگۈن خاڭجۇغا جەم بولۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. باشلىقلار يىغىنىدا، بۇ بەش خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا قوشقان تۆھپىسىگە ئىجابىي باھا بەردى.

  بەش چوڭ خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان باش مەقسەتلىك نۇتۇقىنى يۈكسەك تەرىپلىدى، ئۇلار يەنە دۇنيا ئىقتىسادىغا باھا بېرىپ ۋە «دىياگنوز قويۇپ»، 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا پائال تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى كىرىستىنا لاگاردى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولدى، داۋاملىق ئەسلىگە كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋارلىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ، 2017-يىلى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيانقى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ ئاستا بىر يىل بولۇشى مۇمكىن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاساسلىقى پۇل سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولدى، بۇ سىجىل داۋاملىشالمايدۇ. ھەقىقىي ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى بىلەن يەرشارى سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار پۇل سىياسىتى، مالىيە سىياسىتى ۋە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ قوراللارنى ئىشلىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشۇشى كېرەك.

  لاگاردى جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ئوينىغان ئاچقۇچلۇق رولى ۋە ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتىكى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقىنى ماختىدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بۇندىن كېيىن مەبلەغ سېلىش ۋە سودا قاتارلىق ساھەلەردە يەرشارىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى ئىجابىي تۆھپە قوشالايدۇ.

  دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى كىم جىميۇڭ جۇڭگونىڭ يەرشارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى، ئۇ: نامراتلارنى ئازايتىش - دۇنيا بانكىسىنىڭ يادرولۇق نىشانلىرىنىڭ بىرى، ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي تىجارەت تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە توغرا كېلىدۇ، دېدى.

  كىم جىميۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا تەكىتلەنگەن ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل-مۇئامىلىسى ۋە يېشىل پۇل-مۇئامىلە قارالمىسى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل-مۇئامىلىسى - خۇسۇسىي تىجارەت تارماقلىرى ۋە ئاددىي پۇقرالارغا قوش نەپ ئالىدىغان ۋەزىيەت يارىتىپ بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولالايدۇ. جۇڭگو ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل-مۇئامىلىسى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن ئاددىي كىشىلەرنى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە ئېرىشتۈردى. يېشىل پۇل-مۇئامىلە كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە باشقا مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى روبېرتو ئازېۋېدو مۇنداق دېدى: جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىغا رەئىس دۆلەت بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تولۇق تەييارلىق قىلدى. 20 دۆلەت گۇرۇھى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىنىڭ سىياسەت تەكلىپ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مەزمۇنلار، ئالايلۇق يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى دېگەنلەر دۇنيا سودا تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. بۇندىن باشقا، 20 دۆلەت گۇرۇھى يېڭى سودا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك.

  روبېرتو ئازېۋېدو ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ھاسىل قىلغان «سودىنى قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمى»نى تېزراق تەستىقلاپ، سودا قورۇقچىلىقىنىڭ باش كۆتۈرۈش ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە توسۇپ، ئاممىنى سودا پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپرەك نەپكە ئېرىشتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى لى يۇڭ مۇنداق دېدى: سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى كەڭ قورساقلىق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا مەسئۇل بىردىنبىر ئاپپارات. ئۇ 20 دۆلەت گۇرۇھى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت تەكلىپ دوكلاتىنى يۈكسەك تەرىپلىدى. ئۇ يەنە دوكلاتتىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات قارالمىسىنى ئالاھىدە ماختاپ، ھۆكۈمەتلەرگە نازارەت قىلىش، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش، مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش رولىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى.

  لى يۇڭ يەنە بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىكى يېشىل پۇل-مۇئامىلە ۋە كەڭ قورساق تەرەققىيات قارالمىسى ھەمدە ئالاقىدار سىياسەت تەكلىپلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، بۇ يەرشارىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، دېدى.

  ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانگېل گۇررىئا مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى 20 دۆلەت گۇرۇھى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالاقىدار سىياسەت تەكلىپلىرىنى تۈزۈش ۋە تاماملاش خىزمەتلىرىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارا تەشكىلات بىر قاتار ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ نىشانلارنى تەپسىلىلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلگۈسى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ

  ئانگېل گۇررىئا مۇنداق دېدى: دۇنيا ئىقتىسادى داۋاملىق ئاستا ئېشىۋاتىدۇ، ھازىر ئاستا ئېشىش توزىقى، تۆۋەن ئۆسۈم توزىقى ھەمدە پايدىسىز ئامىللار گىرەلىشىپ پەيدا بولغان ئېشىش سۈرئىتى تەكشىسىزلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ ناچار دەۋرىيلىنىشكە دۇچ كەلدى.

  ئانگېل گۇررىئا جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا رەھبەرلىك كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى قوللىنىش، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، تېخىمۇ كەڭ قورساق ئېشىشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىق ئارقىلىق كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى جەزمەن تېپىپ چىقىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى ئىشقا سالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر