باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بان كىمون 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىككى تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ماختىدى

2016.09.05 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 4- سېنتەبىر خاڭجودا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قارالمىسى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى، جۇڭگو دۇنياغا ئۆزىنىڭ قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

  بان كىمون شۇ كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دىدى: جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن زور تۆھپە قوشتى، جۇڭگونىڭ ب د ت نىڭ 2030- يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان يادرولۇق مەسىلىلەرنىڭ بىرى قىلىپ تەسىس قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش دېمەككە ئاسان، يولغا قويۇش قىيىن مەسىلە، جۇڭگو 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىىسى ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ، بىر تارىخىي تۆھپە.

  كىلىمات ئۆزگىرىشى ساھەسىدە، بان كىمون جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىقىنى يولغا قويغانلىقىنى ماختىدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 3- سېنتەبىر بان كىمونغا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى» تەستىق ھۆججىتىنى ساقلاشقا تاپشۇردى. بان كىمون مۇنداق دېدى: «مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ساھەسىدىكى كۆرۈنەرلىك رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا يۈكسەك باھا بېرىمەن.»

  بان كىمون يەنە مۇنداق دېدى: «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ بىر تارىخىي قەدەم تاشلىغانلىقىغا ئەگىشىپ، ھازىر 26 تەرەپ «پارىژ كېلىشىمى»گە قوشۇلدى، ئۇلارنىڭ پارنىك ئېففېكتى قويۇپ بېرىش مىقدارى دۇنيا ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ مىقدارىنىڭ % 39 نى ئىگىلەيدۇ». ئۇ باشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنى «پارىژ كېلىشىمى»نى تېزدىن تەستىقلاپ، بالدۇر كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  جۇڭگونىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش خىزمىتىگە قارىتا، بان كىمون ئوخشاشلا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش نەتىجىسى دۇنيانىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش مۇساپىسىنى كۆرۈنەرلىك قىسقارتىپ، دۇنياغا ئۈلگە بولدى ۋە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.

  بان كىمون يەنە مۇنداق دېدى: بۇ ئۇنىڭ 11- قېتىم، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ب د ت نىڭ باش كاتىپى سالاھىيىتى بىلەن G 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئەتراپلىق تەشكىللىشى بىلەن، بۇ قېتىمقى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر