خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىلىق تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن: تۇرسۇن راخمان خەۋىرى ) پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئاقتام يېزىسى يېزىلىق ئىشتىن سىرتقى ئەل ئىچى سەنئەت ئەترىتىدىكى 30 دىن ئارتۇق ئەل ئىچى خەلق سەنئەتكارلىرىنى تەشكىللەپ، 9- ئاينىڭ باشلىرىغىچە يېزا تەۋەسىدىكى سەككىز كەنتتە تەسىس قىلىنغان مەدەنىيەت سەھنىسى، دېھقانلار شادلىق سەھنىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، زامانىۋى ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرايلى» تېمىسىدا ئاممىغا 30 نەچچە مەيدان سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى ۋە ئېتۇت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەندىن باشقا، كەنتلەر ئارا 120 مەيدان (قېتىم) دىن ئارتۇق ئىنقىلابىي ناخشا-خور ئېيتىش، ۋاسكېتبول، ۋالىبول مۇسابىقىسى ۋە ئارقان تارتىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى.
سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 1-كۈنى باش ھازاتام كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى