خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن: مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى) ئالتۇن كۈزنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەنلا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ساياھەت قىزغىنلىقى داۋاملىق ئۆرلىدى. ئونسۇ ناھىيەسىدىكى قىرمىش ئاتام سەيلىگاھى باش كۈزدە ئۆزگىچە مەنزىرە تونى كىيىپ، ساياھەتچىلەرنى يازنىڭ ئاخىرقى مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندۇردى. شاڭخەيلىك ساياھەتچى ۋۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: قىرمىش ئاتام مازىرىغا 2- قېتىم كېلىشىم، 2007- يىلى بىرىنچى قېتىم كەلگەن ئىدىم، بۇ قېتىم كېلىپ باشقىچە ھۇزۇرلاندىم، چەكسىز چۆللۈك ۋە سايلىقتا مۇشۇنداق بۆك-باراخسان يېشىللىقنىڭ بولۇشى ئادەمنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرىدىكەن. بۇ يەردىكى دەرەخلەرگە 1000 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، دېمىسىمۇ بەك سىرلىق ئىكەن.
جېجياڭلىق ساياھەتچى ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە ئۈچىنچى قېتىم كېلىشىم، ئىلگىرى ئىككى قېتىم كەلگەن، مەن شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقتىم، بۇ يەر يەنىلا بەك سىرلىق ئىكەن.
سىچۈەنلىك ساياھەتچى ۋېي يىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن قىرمىش ئاتام سەيلىگاھىغا كېلىپ قەدىمكى دەرەخلەرنى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى كۆرۈپ، كۆپلىگەن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.
ئىگىلىنىشىچە، ساياھەت ئالتۇن پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن قىرمىش ئاتام سەيلىگاھىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ھەسسىلەپ كۆپەيگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 700دىن 800 گىچە ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، كىرىم ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى