خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇرېھىم قادىر خەۋىرى، فوتوسى) 2016- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا بىر ھەپتىلىك ھەربىي مەشىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەۋسۇم بېشىدىلا ھەربىي مەشىق ئارقىلىق جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن ئوقۇ ش-ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى.
سۈرەتتە: سېرىقبۇيا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى بازاردا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىم ۋە ساقچىخانىدىن قابىلىيەتلىك ھەربىي مەشىق تەربىيەچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۈنۈملۈك ھەربىي مەشىق پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى