باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى خاڭجۇ بىرەسمىي ئۇچرىشىشى تاراتقۇ بايانات ئېلان قىلدى

2016.09.05 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ خاڭجۇ بىرەسمىي ئۇچرىشىشى تاراتقۇ باياناتى 4-سېنتەبىر ئېلان قىلىندى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى 4-سېنتەبىر 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۇچراشتى. رەھبەرلەر مۇنۇلارنى تونۇپ يەتتى: يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش ۋە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلدى، لېكىن ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئىستىقبالى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئاۋۋالقىدەكلا يەر شارى ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم موتورى بولىدۇ. رەھبەرلەر ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئېچىۋېتىش، ئىتتىپاق، باراۋەر، ئۆز ئارا چۈشىنىش، سىغدۇرۇشچان، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق پىرىنسىپلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى. رەھبەرلەر خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا، باراۋەر، ئادىل بولغان خەلقئارا تەرتىپنى ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

  رەھبەرلەر جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 2016-يىللىق رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەم قوللىدى، خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مول نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تولۇق ئىشەنچتە بولدى.

  رەھبەرلەر خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ قارالمىسىنى چۆرىدەپ، كەڭ مۇزاكىرە قىلدى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسىدا، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلگەن دۇنياۋى مەسىلىلەردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. رەھبەرلەر بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى يەنىلا تەڭپۇڭسىز بولۇپ، كەسكىن تۆۋەنلەش خەتىرىگە دۇچ كەلمەكتە، بىز 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، سەلبىي تاشقى ئۈنۈمدىن ساقلىنىپ، كۈچلۈك، سىجىل، تەڭپۇڭ ئاشۇرۇشى كېرەك دەپ تەكىتلەيمىز.

  رەھبەرلەر سىجىل تەرەققىياتنى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى قارالمىسىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشنى قوللىدى، 2030-يىلىغىچە بولغان سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، ئەددىس-ئەبىبە تەرەققىيات مەبلىغى جۇغلاش ھەرىكەت قارالمىسى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى «پارىژ كېلىشىمى»نى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  رەھبەرلەر 2030-يىلىغىچە بولغان سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر