باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەكتەپ ئىچىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولىدۇ

2016.09.05 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم مەكتەپ ئىچى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى تەسىس قىلىندى.

  ئالدىنقى كۈنى، شەھەرلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سوڭ لولو بىلەن خەيديەن رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ يوڭچۈەن ئەترەت باشلاپ، بېيجىڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى، بېيجىڭ نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي مەكتەپ رايونىنىڭ مەكتەپ ئاشخانىسىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

  تەكشۈرۈشتە، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇلل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىندى، بۇ بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم بۇ تۈزۈمنىڭ تەسىس قىلىنىشى بولۇپ، بېيجىڭدىكى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ مەمۇرىي ۋە مائارىپنى چىڭ تۇتقاندىن باشقا يەنە مەكتەپ ئىچىدىكى ئاشخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ تۈزۈمدە مەكتەپتىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە ھەر بىر خىزمەت ئورنىنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خام ماتېرىيال سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، يۇيۇپ دېزىنفىكسىيە قىلىش ۋە سۇ ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى قاتارلىق باسقۇچلار قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى، ھەمدە قەرەللىك ھالدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر