باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەتتە مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلىشىپ پىكىر ئېلان قىلدى:

مۇھىت بۇلغىنىش جاۋابكارلىقى سۇغۇرتىسى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى توشۇش قاتارلىق ساھەلەر مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ

2016.09.02 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە مىنىستىرلىق، كومىتېت يېقىندا بىرلىشىپ تارقاتقان «يېشىل پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار دېيىلدى: يېشىل سۇغۇرتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ مەجبۇرىي جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار قانۇن ياكى مەمۇرىي قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈش ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەرتىپ بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى مۇھىت بۇلغىنىش جاۋابكارلىقى سۇغۇرتىسى خىزمىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى.

  ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى ۋە ساھەلەر داۋاملىق كېڭىيىدۇ. ھازىر، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئۆلكىلەر 30دىن ئاشتى، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ساھەلەر ئېغىر مېتال، نېفىت خىمىيە، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئېلېكتىر كۈچى، تېببىي دورىگەرلىك، بوياقچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلدى. سۇغۇرتا ئىقتىسادىنىڭ تولۇقلاش رولى دەسلەپكى قەدەمدە روشەنلەشتى. ئېلىمىزنىڭ 2015-يىلى مۇھىت بۇلغىنىش جاۋابكارلىقى سۇغۇرتىسى بويىچە ئىمزالىغان تالون سانى 14 مىڭغا يېتىپ، 2014-يىلدىكىدىن %5.27 ئاشتى؛ ئىمزالىغان سۇغۇرتا ھەققى 280 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2014-يىلدىكىدىن %14.01 ئاشتى؛ 24 مىليارد 421 مىليون يۈەن خەۋپ-خەتەر كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، 2014-يىلدىكىدىن %7.52 ئاشتى.

  ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: بىرىنچى، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ساھەلەرنى مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ مەجبۇرىي جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە «مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ مەجبۇرىي جاۋابكارلىق سۇغۇرتا تۈزۈم لايىھەسى»نى يەنىمۇ تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە ۋاقتىدا قاراپ چىقىشقا تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچى، مەجبۇرىي سۇغۇرتىنىڭ سۇغۇرتىلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئېغىر مېتال كارخانىسى، نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپى، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى توشۇش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەردە مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ مەجبۇرىي جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئۈچىنچى، سۇغۇرتا مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئوخشىمىغان كارخانىلارنىڭ ئوخشىمىغان مۇھىتتىكى خەۋپ-خەتەر ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، قاراتمىلىقى بار سۇغۇرتا مەھسۇلاتى يارىتىشىنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە قوللاپ، تۆلەم رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تۆلەم تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇھىت بۇلغىنىش جاۋابكارلىقى سۇغۇرتىسى كەسپىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىش ۋە مۇھىت خەۋپ-خەتىرىنى باشقۇرۇش، باھالاش كەسپىي ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىشتىن بۇرۇنقى خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش بىلەن ئىشتىن كېيىنكى سۇغۇرتا تۆلەم مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر