باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى شامالدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىپ پاكىز پار بېرىش تۇنجى تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2016.09.02 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل قىشتا، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى شىنجاڭ خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇت بۆلىكى رايونىدا شامالدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىپ پاكىز پار بېرىلىدۇ، بۇ شىنجاڭدىكى شامالدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىپ پاكىز پار بېرىش تۇنجى تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

  بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: شىنجاڭ خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتىنىڭ بۆلىكى رايونىدا شامالدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىپ پار بېرىش تۈرىنىڭ توك بىلەن ئىسىنىشتىكى تۇنجى پار قازانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك توك يەتكۈزدى، بۇ، مەزكۇر تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ تۈرنىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى 200 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق دائىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر رايونىدا "شامالدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىپ پار بېرىش"تىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، شامالدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىپ پار بېرىش تۈرى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى شامالدىن پايدىلىنىپ چىقارغان 28 مىليون 800 مىڭ كىۋادرات سائەتلىك توكنىڭ ئىشلىتىش مىقدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، 9158 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەپقېلىنىدۇ، ھەمدە كۆمۈر قالاشتىن پەيدا بولغان كاربون تۆت ئوكسىد 25مىڭ 940 توننا، گۈڭگۈرت دىيوكسىد 1652 توننا، ئازوت ئوكسىدلىرى 101 توننا، كاربون چالا ئوكسىدى ئۈچ توننا ئازىيىدۇ. ايتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر