باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى ئۈندىدار تورى ئارقىلىق ئەرز قىلىش سىستېمىسىنى ئاچتى

2016.09.02 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى 1- سېنتەبىر رەسمىي ئېچىلدى.

  بۇ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىدە "ئەرزىيەت ئۇچۇرى" ۋە "توردا ئەرزىيەت" ئىقتىدارلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئامما دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتى ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سايىلاپ، ياكى ئۈندىداردا "دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى" دېگەن ئۈندىدار نومۇرىنى ئىزدەپ تېپىپ قوشۇپ، ئاندىن " توردا ئەرزىيەت" سەھىپىسىدە ئەرز سۇنۇشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ، ھەم ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاشقا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ بۇ يىل 1- ئىيۇل "يان تېلېفون ئەرزىيەت" APP (ئەپ) سىستېمىسى تورغا چىققاندىن كېيىن، ئەرزىيەت يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئەرز ئېيتىدىغان ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشتىكى يەنە بىر تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى "بىر تور، بىر پورت، بىر ئۈندىدار" نى قاپلىغان توردا ئەرزىيەت سۇپىسىنى بەرپا قىلدى، كېيىنچە، يەنىمۇ ئوچۇق، دىنامىكىلىق، ئېنىق ۋە خەلققە قولايلىق بولغان "ئاشكارا ئەرزىيەت" يېڭى ئەندىزىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بەرپا قىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ئەينى ۋاقىتتا يەنە ئەرزىيەت خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلىش، ئۇچۇر ئاشكارىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم سۇپا ھېسابلىنىدۇ، بۇ سۇپا ئەرزىيەتنىڭ خىزمەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈستىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەرزىيەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم يىغىنى، جايلار ئەرزىيەت تارماقلىرىنىڭ يېڭى تەدبىرى، يېڭى تەجرىبىلىرى توغرىسىدا خەۋەر قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىگە ئالاقىدار سىياسەتۋە قانۇن-نىزاملارنى چۈشەندۈرىدۇ، ھەمدە ئەرزىيەت ھېكايىلىرى دېگەندەك سەھىپىلەرنى تەسىس قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئەرزىيەت كادىرلىرىنىڭ ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرگەن ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر