باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى:

مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشتە ئۈچ چوڭ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى

2016.09.02 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىگىلىنىشچە، 2013-يىلىدىن ھازىرغىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى كەينى-كەينىدىن ئەمەلدىن قالدۇرپ ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرى مۇندەرىجىسى تىزىملىكىنى قىسقارتىپ، ئىسلاھ قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

  بىرىنچىدىن، مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرى زور دەرىجىدە ئازايتىلدى. مەمۇرىي ئىجازەتتىن باشقا تەستىق ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىنىپ، مەمۇرىي ئىجازەتتىن باشقا تەستىق تۈرلىرى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. باھانى باھالىغۇچىلار، باھانى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغۇچىلار، خېرىدار چاقىرغۇچىلارنىڭ كەسپىي سالاھىيىتىنى بېكىتىش ۋە باھانى باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسپىي سالاھىيەتنى بېكىتىش ئىشلىرى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 2013-يىلىنىڭ بېشىدىكىسىگە سېلىشتۇرغاندا، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرى نىسبىتى %60 تىن ئاشتى.

  ئىككىنچىدىن، مەبلەغ سېلىشتىكى توسقۇنلۇق ئازايتىلدى. مەسىلەن: 2013-،2014-يىلى، ھۆكۈمەت تەستىقلاش تىزىملىكىگە ئىككى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، مەركەز قاتلىمى تەستىقلايدىغان تۈرلەر جەمئىي %76 ئازايتىلىپ، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقلاش خىزمەت مىقتارى ئۇدا %50 ئازايتىلدى. چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان تۈرلەر «ئومۇميۈزلۈك تەستىقلاش» تىن «ئومۇميۈزلۈك ئەنگە ئالدۇرۇش+چەكلىك تەستىقلاش» قا ئۆزگەرتىلىپ، چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان %95 تىن يۇقىرى تۈرلەردە ئەنگە ئالدۇرۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى. سىرتقا مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدىكى سەزگۈر دۆلەتلەر، سەزگۈر رايونلار ۋە سەزگۈر كەسىپلەردىن باشقا، %98 تىن يۇقىرى سىرتقا مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، توردا ئەنگە ئالدۇرۇشقا ئۆزگەرتىلدى.

  ئۈچىنچىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش دائىرىسى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىلدى. مەركەز ۋە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ باھانى بېكىتىش تىزىملىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، مەركەزنىڭ كونكرېت باھا بېكىتىش تۈرى %80، يەرلىكنىڭ كونكرېت باھا بېكىتىش تۈرى %55 ئازايتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باھا ساھەسىنىڭ 1800 دىن ئارتۇق قائىدە-نىزامى ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بىرىنچى تۈردىكى ناركوز ۋە روھىي كېسەللىكلەر دورىسىدىن باشقا 2000 خىلدىن ئارتۇق دورىنىڭ باھاسىنى ھۆكۈمەت بېكىتىش ۋە ئۆلكە، رايون ھالقىغان ئېلېكتر ئېنېرگىيە سودا باھاسى قويىۋېتىلدى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر