باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىىنستىرلىقى: ھازىر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رېكورتان يۈگۈرۈش يولىنىڭ 2191 ى قۇرۇلۇشتىن توختىغان

2016.09.02 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 1-سېنتەبىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرلەر مەلۇم قىلغان ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە جەمئىي 68 مىڭ 792 رېكورتان يۈگۈرۈش يولى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2014-يىلىدىن كېيىن يېڭىدىن ياسالغان 18 مىڭ 977 رېكورتان يۈگۈرۈش يولىنىڭ ھازىر ياسىلىۋاتقان 4799 ىنىڭ 2191 ى ياسىلىشتىن توختىتىلىپ، 93 رېكورتان يۈگۈرۈش يولى قۇرۇلۇشى توختىتىلغان.

  ئىگىلىنىشچە، ئالدىنقى بىر باسقۇچتا قىسمەن جايلار ۋە مەكتەپلەردە كۆرۈلگەن «زەھەرلىك يۈگۈرۈش يولى» مەسىلىسىگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەخسۇس رېكورتان يۈگۈرۈش يولىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلدى ھەم يازلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس ئايرىم ئەھۋاللارنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ ئالاقىدار ئۆلچەملەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  بۇ يىل 24-ئىيۇن، مائارىپ مىىنستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «سىنتېتىك ماتېرىيال قاتلىمىلىق يۈگۈرۈش يولىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتتى، 8-ئىيۇل، ئېلىمىز مائارىپ سىستېمىلىرى خىزمىتى سىنلىق يىغىنىدا، مەكتەپ قورۇسىنىڭ رېكورتان يۈگۈرۈش يولىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېگى-تەكتىدىن ئېنىقلاشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر