باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش قاتارلىق تۆت ئورۇنغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

2016.09.02 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ھازىر ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش قاتارلىق تۆت خىزمەت ئورنىغا جەمئىيەتتىن بىر قانچە نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملار تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ، تىزىملاش 9- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان ئىش ئورنى ئالاقىلىشىش، يول باشلاش، نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى رېمونت قىلىش، مېتېئورولوگىيە ئۈسكۈنىلىرىنى ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى بولۇپ، بۇ ئورۇنلارغا مىكرو ئېلېكترونىكا، ئوپتىك ئۇچۇر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئېلېكتىرون ئۇچۇر قۇرۇلۇشى، خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى، كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى قاتارلىق تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى كەسىپلەرنى ئوقۇغانلاردىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  مېتېئورولوگىيە ئۈسكۈنىلىرىنى رېمونت قىلىش خىزمەت ئورنىغا مەملىكەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىدا 2 - دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن بولۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

  خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا توردا تىزىملىتىش قوللىنىلىدىغان بولۇپ، تىزىملاتقۇچى قىسقىچە تەرجىمىھالى، تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنى تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدۋىلى، ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى، ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ئالىي مەكتەپ نەتىجە كۆرسەتكۈچى (مەكتەپ تامغىسىنى بېسىشى لازىم )، ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە نەتىجە كۆرسەتكۈچى ۋە باشقا ماتېرىياللارنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسىنى ئېلخەت ساندۇقى: xjkghr@163.comغا ئەۋەتسە بولىدىكەن، تىزىمغا ئالدۇرۇش 9- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر