- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
8- ئايلىق سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچى %50.4كە يەتتى
PMI يەنە ئېشىش دائىرىسىگە قايتتى
2016.09.02 14:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇلازىمەت تەكشۈرۈش مەركىزى ۋە جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 1-سېنتەبىر ئېلان قىلغان كۆرسەتكۈچتە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ 8-ئايلىق سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچى (PMI) %50.4كە يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان، كىرىتىك نۇقتىسىدىن ئېشىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى يۇقىرى نۇقتا بولۇپ، قايتىدىن ئېشىش دائىرىسىگە قايتقان.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇلازىمەت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى جاۋ چىڭخې تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ياسىمىچلىق كەسپىنىڭ PMIسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېھتىياجنىڭ ئاشقانلىقى، قۇرۇلمىنىڭ يەنىمۇ ئەلالىشىشتەك ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەشنى ساقلىدى. ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئالتە ئاي %52.0تىن يۇقىرى بولدى، بۇ ئايدا %52.6گە يېتىپ، بۇ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر