باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسەتمىسى: خىزمەتچى قوبۇل قىلىش قىسقىچە نىزامنامىسىدا مائاش-پاراۋانلىقىنى ئېنىق يېزىپ قويۇش كېرەك

2016.09.02 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى مۇشۇ يېقىندا ئېلان قىلغان «ئادەم كۈچى بايلىقى بازار نىزامى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»دا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا، قوبۇل قىلىش قىسقىچە نىزامنامىسىدا خىزمەت مەزمۇنى، ئەمگەك ھەققى ۋە پاراۋانلىق تەمىناتى قاتارلىقلار نىزام بويىچە ئېنىق يېزىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش مەسىلىسى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىدى.

  «ئەمگەك توختام قانۇنى» دا ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشنى بىر خىل ئەمگەكچى ئىشلىتىش شەكلى دەپ ئېنىق بېكىتكەنلىكى، ھەمدە ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەكچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمەس، بەلكى مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغانلىقتىن، لايىھەدە ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش مەسىلى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

  «نىزام» نىڭ تەلىپى بويىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتى تەرىپىدىنئېلان قىلىنغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش قىسقىچە نىزامنامىسىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، خىزمەت مەزمۇنى، قوبۇل قىلىش شەرتى، ئەمگەك ھەققى ۋە پاراۋانلىق-تەمىناتى قاتارلىق مەزمۇنلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان بولۇشى كېرەك. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى قانۇنلۇق بولۇشى كېرەك.

  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى قوبۇل قىلغاندا، خىزمەت مەزمۇنى، خىزمەت شارائىتى، خىزمەت ئورنى، ئەمگەك ھەققى، كەسىپ خەۋپى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، شۇنداقلا ئەمگەكچىلەر بىلمەكچى بولغان باشقا ئەھۋاللار دېگەندەك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئەمگەكچىلەرگە قانۇن بويىچە ئەينەن بىلدۈرۈلۈشى كېرەك.

  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى قوبۇل قىلغاندا، ئەمگەكچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك. ئەمگەكچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇ ئۇچۇرلارنى ئۈچىنچى تەرەپكە ئاشكارىلاشقا ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئەمگەكچىلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلىتىشكە ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى قوبۇل قىلغاندا، ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك، ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا دېگەندەك ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك. ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئارخىپ ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىپ بېرىشى كېرەك، چەكلىمە خاراكتېرلىك شەرتلەرنى ۋە كۆچمە خاراكتېرلىك توسقۇنلۇقلارنى تەسىس پەيدا قىلىپ بېكىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

  «نىزام»دا يەنە سەككىز تۈرلۈك مۇلازىمەت ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ھەقسىز تەمىنلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش، ئىختىساسلىقلار سىياسىتى، نىزامدىن مەسلىھەت بېرىش؛ كەسىپكارلار ۋە ئىختىساسلىقلارغا ئائىت تەمىنلەش ۋە تەلەپ ئۇچۇرلىرى، بازاردىكى مائاشنىڭ يېتەكچى ئۆلچەم ئۇچۇرى، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ئۇچۇرى ۋە كەسپىي ماھارەت باھالاش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش؛ كەسپىي جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئىش تونۇشتۇرۇش، پىراكتىكا قىلىش؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش؛ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ۋە ئىشسىزلارنى تىزىملاش دېگەندەك ئىشلار؛ ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش؛ كۆچمە ئاھالىنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش دېگەندەكلەر، ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن باشقا ھەقسىز مۇلازىمەت تۈرلىرى قاتارلىقلار.

  يەنە بىر تەرەپتىن، «نىزام» دا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئۆتكۈزگەن ئادەم ئېلىش يىغىنى ئەمگەكچىلەردىن ھەق ئالسا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر