خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- سېنتەبىر، شوپۇرسىز يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھەر مەركىزى رايونىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھەرلىك يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 8- ئاينىڭ 31 - كۈنى يولۇچى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل شوپۇرسىز ئاپتوبۇسنىڭ 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دۇبەي شەھەر مەركىزىدە بىر ئاي سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى