خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىلىق تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن: تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) پوسكام ناھىيەسى يېقىندىن بۇيان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىيات يىلى» پائالىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھەر قايسى يېزا-بازار، ئىدارە، ئورۇن، مەكتەپ، كەنت، مەھەللە كومىتېتلاردا 30 مەيداندىن ئارتۇق ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدىن 80- يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ناھىيە، يېزا-بازار، كەنت قىياپىتى، سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش، مائارىپ، مەدەنىيەت، يېزا ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپ چىقىرىشى، دېھقانلار تۇرمۇشى قاتارلىقلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، تەشۋىقات كۈچى كۈچلۈك، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى 200 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە بۈگۈنكىدەك تەستە قولغا كەلگەن باي-باياشات، بەختىيار تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەسسىلەپ قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشقا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.
سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 1- كۈنى كۈيباغ يېزىسىدىكى ئامما تارىخىي سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى