باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىلىپپىندا تېررورلۇق پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن فىلىپپىن زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2016.09.05 13:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - سېنتەبىر فىلىپپىننىڭ داۋاۋ شەھىرىدە تېررورلۇق پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتېغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىلىپپىننىڭ داۋاۋ شەھىرىدە تېررورلۇق پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ غەزەپلەندىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن، قازا قىلغان پۇقرالارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەر قانداق تېررورىزمغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، فىلىپپىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە تېررورىزمغا ئورتاق زەربە بېرىپ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر