باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئىككى تەرەپنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىشقا پائال تىرىشماقتا

2016.09.05 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مارتىن شۇلتىز 1-سېنتەبىر تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى سىلوۋاكىيەنىڭ پايتەختى پراتىسلاۋادا يىغىن ئېچىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىشكە پائال تىرىشتى.

  تۈركىيە دائىرىلىرى ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھەربىي، سىياسىي ۋە سودا قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتا زور كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، ئاممىۋىي خىزمەت سىستېمىسىدىكى 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى خىزمەتتىن توختىتىلدى، تەكشۈرۈلدى ياكى قولغا ئېلىندى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بۇ ھەرىكەت «ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى»، دەپ ئەندىشە قىلدى ۋە زوڭتوڭ ئەردوغان بۇ قېتىملىق ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق قارشى پىكىردىكىلەرنى زور كۈچ بىلەن يوقىتىپ، ھوقۇقىنى كېڭەيتمەكچى بولغان، دەپ گۇمانلاندى. ياۋرو-ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىنسانىي ھوقۇق تەرەپتىكىلەرنىڭ ئەيىپلەش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرى تۈركىيەنى غەزەپلەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى سەۋەبلىك ئەسلىدىلا بار بولغان جىددىي مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر