باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى

2016.09.05 13:55   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى

  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىشى 4 - سېنتەبىر خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ قارشى ئېلىش نۇتقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ھەمكارلىق ساھەسى يەنىمۇ كېڭەيدى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر يەنىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى.

  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۈللەنمە دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ باشلامچىسى، شۇنداقلا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. بىز تارىخ ئېقىمىغا ماسلىشىپ، خەلقئارا ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى مۇھىم سۇپىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گۈللەنمە دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ئۇچرىشىشقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى −− ھىندىستاننىڭ زۇڭلىسى مودى رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى يېڭى ۋە كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستا، كۈچسىز بولماقتا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا چوڭ مۇھىت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولسىمۇ، بەزىدە داۋالغۇش بولۇۋاتىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە بىز چوقۇم ئىشەنچنى چىڭىتىشىمىز، ئىرادىمىزنى بوشاشتۇرماسلىقىمىز، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ قابىلىيىتى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋەكىللىك قىلىدىغان گۈللەنمە دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك. ئاساسنى پۇختىلاپ، ھازىر دۇچ كەلگەن مەسىلە ۋە خىرىسلارنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرساقلا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى چوقۇم يارىتالايمىز.شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇنداق تۆت تۈرلۈك تەكلىپ بەردى.

  بىرىنچى، ئېشىش شەكلىدە ئورتاق يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئېشىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى تۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ ئېشىش سالمىقىنى ساقلاپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈكلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئېشىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇلتۇر ئۇفادىكى ئۇچرىشىشتا ماقۇللانغان «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمراھلىق ئىستراتېگىيەسى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ زور دەرىجىدە يوغۇرۇلۇشىنى، پۇل ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئوبوروت قىلىنىشى، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىشىشى، خادىملار، مەدەنىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالماشتۇرۇلۇشىدەك يېڭى ۋەزىيەتنى يارىتىپ، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىدىغان، ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، دۇنيانىڭ سىياسىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى ئورتاق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسى ئىچىدە ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ تۈزەش قۇرۇلما ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللەنمە دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ھەم سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆپ تەرەپلىمە سودا تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي يوللۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بارلىق قورۇقچىلىق ۋە يەكلىمىچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقى باراۋەرلىكى، پۇرسەت باراۋەرلىكى، قائىدە باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك تورىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، يېڭى تەرەققىيات بانكىلىرىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى تۈرلەرنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جىددىي ئېھتىياج زاپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ماكرو تەتقىقات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، تىنچ، مۇقىم تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. بىر - بىرىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئاساسىدا سىياسىي بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. ب د ت نىزامنامىسى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ تۈپ مىزانىنى قوغداپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىنچ، مۇقىم، ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رامكىسى ئىچىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سىرتقى بوشلۇق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى تەڭپۇڭ ئەكس ئەتتۈرىدىغان خەلقئارا پىرىنسىپلارنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. دۆلەت ئىچى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن خەلقئارا تەرەققىيات قارالمىلىرىنى تىرىشىپ ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇش كېرەك. «20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 2030 - يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرى ھەرىكەت پىلانى»غا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىچە دۇنياۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات نىشانىغا يېتىشىنى كۈچلۈك قوللاش كېرەك. جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭمۇ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «تەرەققىيات تېز ئاپتوموبىلى»غا چىقىۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رامكىسى ئىچىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرىنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مەنپەئەت تەرەپدارلىرى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق قۇرىدىغان، ھەر قايسى ساھەلەر تەڭپۇڭ ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان، ھەر قايسى قاتلاملار گۈللىنىپ ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىدىن بۈگۈنگىچە ئون يىلنى بېسىپ ئۆتتى. ئىشىنىمىزكى، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق نەپ ئالىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بوران - چاپقۇنلار، توسالغۇلار، قىيىنچىلىقلارغا پىسەنت قىلماي، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتسەكلا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىمىز.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنداق دەپ قارىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالى بۇرۇنقىدەكلا پارلاق ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە، بۇ داۋاملىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم «موتور» بولىدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئېچىۋېتىش، ئىتتىپاقلىشىش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش قاتارلىق پىرىنسىپلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا باراۋەر، ئادىل خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 2016 - يىللىق رەئىس دۆلىتى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەم قوللىدى، خاڭجۇ باشقىلار يىغىنىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تولۇق ئىشەنچ باغلاپ، جۇڭگونىڭ رەئىس دۆلەتلىك سالاھىيىتى بىلەن تەرەققىيات قارالمىلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى مەدھىيەلىدى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان دۇنياۋى مەسىلىلەر ئۈستىدە زىچ ماسلىشىپ، باشقا گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆزلىشىشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان دۇنيا ئىقتىسادى، دۇنيا خەۋپسىزلىكى ۋە دۇنيانىڭ سىياسىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئالماشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «قوش تىل» مائارىپى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەۋىرىى: 2015- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىنىڭ سانى 15 مىليون 390…
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ يېڭى دەرسلىكى يېڭ…
    ·مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى كېلەر يىلى يولغا قويۇلىدۇ
    ·جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
    ·تۈركىيەدە «غەلىبە كۈنى» تەبرىكلەندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى سەككىز ئۆلكە، شەھەر بىلەن مەكتەپ ئىستېتىك تەربىيە ئىسلاھات تەرەققىياتى خاتىرىس…
    ·ئېلىمىزنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانىدا 90 مىڭدىن ئارتۇق ئ…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىسلاھات، تەرەققىيات توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇر…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى  ياخشى…