باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە باشلىنىش نۇتقى سۆزلىدى

2016.09.05 14:17   مەنبە: خەلق تورى

20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 11-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 4-سېنتەبىر خاڭجۇ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم باشلىنىش نۇتقى سۆزلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى ھازىرقى خىرىس ئالدىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، سۆز ۋە ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، ئورتاق قۇرۇپ ۋە ئورتاق بەھرىلىنىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن چوڭ يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00تە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ۋە مېھمان دۆلەت رەھبەرلىرى، ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئارقا-ئارقىدىن يىغىن زالىغا كىردى، شى جىنپىڭ ساھىبخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلار بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ سالاملاشتى ھەم كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  سائەت 3:30دا شى جىنپىڭ ياغاچ بولقىنى ئۇرۇپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيانىڭ ئىقتىساد ئومۇمىيىتى جانلىنىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، ئېھتىياج جانلىق بولماسلىق، پۇل مۇئامىلە بازىرىدا تەكرار داۋالغۇش بولۇش، خەلقئارا سودا ۋە سېلىنما ئىزچىل جانلانماسلىق قاتارلىق قاتمۇقات خەۋپ ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەت 20 دۆلەت گۇرۇھى ۋە بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە. خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەيدىغان، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىدىغان رېتسېپ تۈزۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىش يولىغا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ھازىر دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا بەش تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، ماكرو سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىشىمىز كېرەك. سىياسەت تەسەۋۋۇرىنى تەڭشەپ، قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك سىياسەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئېھتىياج ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق باشقۇرۇش ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېخانىزم كاپالىتىنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى تۈزەش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يېڭىباشتىن قورۇقچىلىق قىلماسلىق ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلىپ، مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سودىنىڭ ئېشىشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  بەشىنچى، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بىز بۇ يىل تەرەققىياتنى 20 دۆلەت گۇرۇھى قارالمىسىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئورتاق ۋەدە بەردۇق ھەم ھەرىكەت پىلانى تۈزدۇق. بىز يەنە ئافرىقا ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ سانائەتلىشىشىنى قوللاپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىكى تەڭسىزلىك ۋە تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىپ، ھەر قايسى ئەل خەلقىنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «قوش تىل» مائارىپى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەۋىرىى: 2015- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىنىڭ سانى 15 مىليون 390…
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ يېڭى دەرسلىكى يېڭ…
    ·مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى كېلەر يىلى يولغا قويۇلىدۇ
    ·جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
    ·تۈركىيەدە «غەلىبە كۈنى» تەبرىكلەندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى سەككىز ئۆلكە، شەھەر بىلەن مەكتەپ ئىستېتىك تەربىيە ئىسلاھات تەرەققىياتى خاتىرىس…
    ·ئېلىمىزنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانىدا 90 مىڭدىن ئارتۇق ئ…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىسلاھات، تەرەققىيات توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇر…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى  ياخشى…