باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، زۇڭتۇڭ كەرىموفنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

2016.09.05 13:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4 - سېنتەبىر ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموفقا تەزىيە بىلدۈردى.

  لى كېچياڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن گۈلچەمبىرەك ئېلىپ باردى ھەم تەزىيە خاتىرىسىگە سۆز قالدۇرۇپ، زۇڭتۇڭ كەرىموفنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. لى كېچياڭ تەزىيە بىلدۈرۈشتە ھەمراھ بولغان ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى قۇربانوفقا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ كەرىموفنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستان رەھبىرىگە مەخسۇس تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. زۇڭتۇڭ كەرىموف جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، ئۇ جۇڭگو - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۆزبېكىستان خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى بىر سەمىمىي دوستىدىن ئايرىلدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن ناھايىتى قايغۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان بىلەن داۋاملىق ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوغدايدۇ ھەم ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  باش ئەلچى قۇربانوف لى كېچياڭنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مەخسۇس ئەلچىخانىغا كېلىپ تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىگە، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزبېكىستانغا زور مەدەت بەرگەنلىكى ۋە سەمىمىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، شۇنداقلا يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگو بىلەن بىللە، ئۆزبېكىستان - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر