باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى پويىز بېلىتى بۈگۈندىن باشلاپ سېتىلىدۇ

قىسمەن دىۋىگاتېللىق پويىز بېلەتلىرىنىڭ ئالدىن سېتىش ۋاقتى تەڭشەلدى

2016.09.05 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، 12306 تۆمۈر يول ئالدىن بىلەت سېتىش تور پونكىتىدا پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشنى ئويلىغانىدىم، لېكىن قىسمەن پويىزلارنىڭ بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلغىلى بولمايدىكەن، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن 12306 تۆمۈر يول بىلەت سېتىش تور پونكىتىدىن ئۇقۇشىچە، جېنجۇدىن شۈجۇغا بارىدىغان تېز پويىز تۆمۈر يولىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، تۆمۈر يول تارماقلىرى 10-سېنتەبىردىن باشلاپ قىسمەن لىنىيەدىكى پويىزلارنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەيدىكەن، يۈرۈش لىنىيەسى تەڭشەلگەن پويىزلارنىڭ بېلىتى تۈنۈگۈن سائەت 9:00دىن باشلاپ سېتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۈگۈن كۆپ قىسىم پويىزلارنىڭ ئالتۇن ھەپتىلىك مەزگىلىدىكى پويىز بېلىتى سېتىلىدىكەن. لېكىن يۈرۈش خەرىتىسىنىڭ تەڭشىلىشى سەۋەبلىك، يەنىلا قىسمەن پويىزلارنىڭ ئالتۇن ھەپتىلىك مەزگىلدىكى پويىز بېلىتىنى سېتىۋالالماسلىقى مۇمكىنكەن. سەپەرگە چىقىدىغان يولۇچىلار 12306 تۆمۈر يول بىلەت سېتىش تور پونكىتىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلسا بولىدىكەن.

  12306 تور پونكىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، جېنجۇدىن شۈجۇغا بارىدىغان تېز پويىز تۆمۈر يولىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ھەر قايسى بىلەت سېتىش يوللىرىدا 4-سېنتەبىر سائەت 9:00دىن باشلاپ، 30-سېنتەبىردىن بۇرۇن قاتنايدىغان پويىزنىڭ بېلەتلىرى سېتىلىدىكەن. 5-سېنتەبىر، يەنى بۈگۈندىن باشلاپ ئالدىن سېتىش ۋاقتى 60 كۈن ئىچىدىكى پويىز بېلىتى سېتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ساياھەتچىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەت بايرىمىلىق ئالتۇن ھەپتىلىك مەزگىلىدىكى پويىز بېلەتلىرىمۇ باركەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر