باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى يىلىغا %10 ئۆستۈرۈلىدۇ

2016.09.05 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ <13-بەش يىل> مەزگىلىدىكى خەلق ئىشلىرى تەرەققىيات پىلانى»نى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، بېيجىڭ شەھىرىدە تۆۋەن كىرىملىكلەرگە بولغان يۆلەش داۋاملىق كۈچەيتىلىپ، شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى يىلىغا %10 ئاشۇرۇلۇپ، خەلق ئىشلىرى بويىچە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ماس قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، بېيجىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ كاپالەت فۇنكىسسىيەسى كۈچەيتىلىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىگە بولغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دەل جايىغا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇش تۆۋەن سەۋىيەسى ياخشىلىنىدىكەن. قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قارىتا، ئېنىق قاراتمىلىق ھالدا نامراتلارنى يۆلەش ئىدىيەسى بويىچە، دەل جايىغا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، كېسەل كۆرسىتىش مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدىكەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى، ئاممىۋىي ساخاۋەتچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق، كېسەللىك سەۋەبلىك نامراتلىشىش ۋە كېسەللىك سەۋەبلىك نامراتلىققا قايتىشتىن ساقلىنىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامرات بالىلارنى تۈرگە بۆلۈپ كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمى بەرپا قىلىنىپ، بالىلار پاراۋانلىق ئورگانلىرىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى قاتارلىقلار ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر