خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن: غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى) قاراقاش ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردىمى-ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، «بىر يۈەن ئارقىلىق مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش» ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پۇلىنى تارقىتىش مۇراسىمى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا ناھىيە بويىچە 16 يېزا-بازاردىكى بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 30 قىز ئوقۇغۇچىغا 2000 يۈەندىن جەمئىي 60 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقىتىلدى. ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ھەم ئاتا-ئانىلار ۋەكىلى سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىگە ياردەم بەرگەن ئاياللار بىرلەشمىسىگە شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتچى كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتتى.
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى شى خەي مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلاردىن ياخشى ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنى، ئاتا-ئانىلاردىن بالىلارنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئاخىرىغىچە ئوقۇتۇشقا كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.
سۈرەتتە: مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى