باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل تۆمۈريول قاتنىشىدا يازلىق تەتىللىك يولۇچىلار توشۇش مىقدارىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

2016.09.05 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا جۇڭگو تۆمۈريول باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016- يىللىق تۆمۈريولدا يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش ئاخىرلاشقان، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا توشۇلغان يولۇچىلار جەمئىي 5 مىليارد 50 مىليون 570 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، شۇ مەزگىلدىكىدىن % 9.1 ئاشقان، تۆمۈريولدا يازلىق تەتىللىك يولۇچىلار توشۇش مىقدارىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

  يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلار، ئىشلەمچىلەر، تۇغقان يوقلايدىغانلار، ساياھەتچىلەر، سودا قىلىدىغان يولۇچىلار كۆپىيىپ، تۆمۈريول يولۇچى توشۇش مىقدارىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 27-ئاۋغۇست، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا يولۇچى توشۇش مىقدارى 105 مىليون 760 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، يازلىق تەتىللىك بىر كۈنلۈك يولۇچى توشۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتى يارىتىلدى. مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولدا يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مىقدارىدا 8 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن كۈنىدىن 55 كۈن بار بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇمات بۇلتۇرقىدىن 16 كۈن كۆپەيدى.

  يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا يولۇچى توشۇش مىقدارى يازلىق تەتىللىك يولۇچىلارنى توشۇش مىقدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى ياراتتى، دىۋىگاتېللىق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 2 مىليارد 790 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 26.2 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ %50.7نى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە خاربىن- داليەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، لەنجۇ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، گۈيياڭ-گۇاڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، نەننىڭ- گۇاڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، تيەنجىن- چىنخۇاڭداۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيانقى كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر